خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» نامىدا خىتايلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 25-سېنتەبىر كۈنى «يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش پروگراممىسى» نى ئېلان قىلىپ، مائارىپ ساھەسىدە «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» نى قەتئىي ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەر «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى چۆرىدىگەن يەتتە تۈرلۈك مەزمۇننى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يۈرەك قېنىغا ئايلاندۇرۇش» قا چاقىرىلغان. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگە بولۇش، ئوقۇغۇچىلار قەتئىي ئەگىشىش شەكلىدە مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقان «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كىملىكىنى مەنبە قىلغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا دۆلىتى» نى، يەنى خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈشنى ئاساس قىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش ئارقىلىق ئىدىيە ئۆزگەرتىشتىن باشقا يەنە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشا چاقىرىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان ھەرقانداق ماددىي ۋە مەنىۋى ھادىسىلەر بىردەك «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يېڭى چاقىرىق بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىنىدىغان بارلىق ئالاھىدىلىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» نامىدا يوقىلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت