گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن كەنتىدىكى نامايىشنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بارغان مۇخبىرلار ساقچىلاردىن تاياق يېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن كەنتىگە نامايىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بارغان «خوڭكوڭ گېزىتى»، «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» ۋە «مىڭپاۋ»گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن.

بۇ مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغاندا يۈكۈندۈرۈلۈپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغاندىن سىرت يەنە، ساقچىلاردىن تاياق يېگەن، بەزى ساقچىلار ئۇلارنى تەپكەن.

خوڭكوڭ ژۇرنالىستلار بىرلىكى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، مۇخبىرلارغا قىلىنغان بۇ زومىگەرلىكنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇلار خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ۋۇكەندىكى نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىنتېرنېتتا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرگىمۇ چەكلىمە قويغان. ب ب س نىڭ مۇخبىرىمۇ يېزىغا كىرگۈزۈلمىگەن.

ۋۇكەندىكى ئاھالىلەر، 2012-يىلى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان كەنت باشلىقىنى دائىرىلەر بۇ يىل 6‏-ئايدا «پارىخورلۇق قىلدى» دەپ تۇتقاندىن ۋە ئۇنى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن بۇيان نارازىلىق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. 13-سېنتەبىر كۈنى نامايىش زورىيىپ، ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ساقچىلارنىڭ تىنچىتىشىغا ئۇچرىغان.

تولۇق بەت