«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغان رايوندىن ئامېرىكاغا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ تونۇلغان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى دۇنياۋى ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان مەزگىلدە ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فايرفاكس ناھىيەسىگە كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ۋە يۇقۇملىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى.

خىتايدىن ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى بويىچە فايرفاكس ناھىيەسىگە كەلگەن 21 نەپەر ئوقۇغۇچى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن 48 سائەت ئىچىدە نيۇ-يورك كېننېدىي خەلقئارا ئايرودرومى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرگەن ئىكەن. 

بۇلارنىڭ ھەممىسى 12 ياشلىق ئۆسمۈرلەر بولۇپ بۇلارغا يەنە 5 نەپەر چوڭ كىشىمۇ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى فاللس چۇرچ شەھىرىگە قاراشلىق لوڭفەللوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەۋە مەھەللىدىكى ئائىلىلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئەندىشىسى تۈپەيلى فايرفاكس ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى قارار چىقىرىپ، بۇ بالىلارنى مەكتەپ پروگراممىسىغا ۋاقتىنچە قاتناشتۇرماسلىقنى قارار قىلغان.

مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى كارول كىم ئاتا-ئانىلارغا يوللىغان مەكتۇپىدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ باھاسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ: «بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ۋىرۇس يۇقۇش خەتىرىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشىنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بۇ ئوقۇغۇچىلار پروگرامما كۈن تەرتىپى بويىچە 22-يانۋاردىن 29-يانۋارغىچە، لوڭفەللوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە دەرسكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

ئەسلى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى بويىچە، مەزكۇر مەكتەپتىنمۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچلارنى بۇ يىل ئاپرېلدا خبېينىڭ يىچاڭ شەھىرىگە ئەۋەتىش پىلان قىلىنغان. ئەمما بۇ پىلانىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان بۇ ۋىرۇس بايقالغاندىن تا ھازىرغىچە 17 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن باشقا، پەقەت خىتايدىلا 634 ئادەمنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت