ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېزدىن كۆپەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېزدىن كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 12-فېۋرال كۈنى رايوندا يەنە 4 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 2 نەپىرى غۇلجادا، 1 نەپىرى ئۈرۈمچىدە ۋە يەنە بىر نەپىرى بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيەسىدە بايقالغان.

نەتىجىدە ئۇيغۇر رايونىدا 12-فېۋرال كۈنى سائەت 0 دىن 24 كېچە بولغان ئارىلىقتا بېكىتىلگەن ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 63 نەپەرگە، يۇقۇم گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەر سانى 4479 نەپەرگە يەتكەن. ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 1 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيەسى جايلاشقان شىخەنزەدىكى 80 ياشلىق بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاي مىقياسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن جىددىي بولماقتا. ۋۇخەن دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا 242 كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا خىتاي دائىرىلىرى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جياڭ چاۋلىياڭ ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى ما گوچىياڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىغا شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى يىڭ يوڭ ۋە جىنەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جوڭلىڭنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 13-يانۋار كۈنى يېڭىدىن 14800 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئۇلار بۇنداق زور رەقەمنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەمەس، بەلكى يۇقۇملانغۇچىلارنى ساناشتىكى يېڭىچە مېتود بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نەتىجىدە خىتاي بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 59805 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، 1367 كىشىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 25 دۆلەتتە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «ۋۇخەن ۋىرۇسىنى» پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن «زور تەھدىت» دەپ جاكارلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت