ئۇيغۇر رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 76 نەپەرگە يەتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 76 نەپەرگە يەتكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 17-فېۋرال كۈنى سائەت 0 دىن 24 كېچە بولغان ئارىلىقتا بېكىتىلگەن ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 76 نەپەر، يۇقۇملىنىش گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەر سانى 5245 نەپەر، دەپ ئېلان قىلىنغان.

بۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 23 نەپىرى ئۈرۈمچى، 18 نەپىرى غۇلجا، 3 نەپىرى تۇرپاندىن بولۇپ، قالغانلىرى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» نىڭ ھەرقايسى دېۋىزىيەلىرىگە تەۋە ئىكەن.

17-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو، رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار سىن يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدە يوليورۇق قىلغان. چېن چۈئەنگو يىغىندا بۇ قېتىملىق يۇقۇمنى «چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق» دەپ ئاتاپ، ئاپتونوم رايوندا يۇقۇمنى تىزگىنلەش بىلەن بىرگە يەنە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىمۇ 18-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە ئىقتىساد ئامىلىنى قاتتىق تەكىتلىگەن. ئۇلار تىۋىتتىردا ئىنگلىزچە تارقاتقان خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىملىق ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، زور غەلىبە قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ھالبۇكى، نۇرغۇن تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىگە گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قۇرۇق تەشۋىقات قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يوللىغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 17-فېۋرال سائەت 24:00 كېچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىكى ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 72528 نەپەر، ئۆلگەن كىشى سانى 1850 نەپەرگە يەتكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىن باشقا 12 دۆلەتتە ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇشقا ئائىت 92 ۋەقە بايقالغان، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقۇشقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلىمىگەچكە، ئۇنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت