«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ خىتايدىكى بىئو-خىمىيە تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپلار» گېزىتى خىتايدا تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر تەتقىقات لابوراتورىيەسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

«كۈندىلىك مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ ئېھتىماللىق خىتايدىكى «جەنۇبىي خىتاي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلگەنىكەن.

ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش نۇقتىسى دەپ قارىلىۋاتقان بېلىق بازىرىدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان «ۋۇخەن شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» گە قاراشلىق تەجرىبىخانىدا تەجرىبە قىلىنغان يۇقۇملانغان شەپەرەڭ قاتارلىق ھايۋانلاردىن تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا، كېسەللىك ۋىرۇسى بايقالغان شەپەرەڭلەرنىڭ ۋۇخەنگە يەرلىك بولمىغان شەپەرەڭلەردىن كېلىپ چىققانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يەنە بىر قىسىم خەۋەرلەردە، بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتى» ئىكەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتون بولسا بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادە قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ فوكس خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىئوخىمىيەلىك تەتقىقات مەركىزىدىن پەيدا بولغانلىق ئېھتىمالىنى يۇقىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، توم كوتتون شۇ كۈندىكى سۆزىدە «بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق پاكىتىمىز يوق. ئەمما خىتاينىڭ ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇس ھەققىدە سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولماسلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى رەت قىلىدىغان پاكىتلارنى تەمىنلىيەلمەسلىكى بىزنى گۇمانغا سالماقتا» دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتوننىڭ سۆزلىرى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئوڭ قانات ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەييارلاۋاتقان بىئوخىمىيەلىك قوراللارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئىدىيە ئالغا سۈرۈلۈشكە باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت