ۋۇخەندە پارتلىغان ۋىرۇس يۇقۇمىدا 500 مىڭدەك خىتاي شىركىتى تاقالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا 500 غا يېقىن خىتاي شىركىتى تاقىلىپ، خىتاينىڭ بۇ يىل 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىغا قاتتىق تەسىر قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا 460 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى مەڭگۈلۈك تاقالغان. بۇ شىركەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېڭى كارخانىلار بولۇپ، ئۇلارغا تېخى 3 يىل بولمىغان ئىكەن. بۇ مەزگىل ئىچىدە يەنە يېڭى قۇرۇلغان تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايغان. خەۋەردە بۇ يىل 1-ۋە 2-ئايلاردا بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 29 پىرسەنت ئازايغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ كارخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي بازىلىرىغا جايلاشقان ئىكەن. خەۋەردە خىتاينىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ، دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىشى ئارقىسىدا خىتاي زاۋۇتلىرىغا بېرىلگەن نۇرغۇن زاكاز ماللارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بۇ گۇاڭدۇڭدىكى «دوڭگۇەن كارامەت ئويۇنچۇق شىركىتى» دەك نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرمەكتە ئىكەن. خەۋەردە بېيجىڭدىكى بىر ئادۋوكاتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ: «بىز نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ئۇلار بۇنى ئېلان قىلمايۋاتىدۇ ياكى دەرھال ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى سۇنغۇزمايۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت