ئامېرىكا ساياھەت كېمىسىدىكى پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيە قىرغاقلىرىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ساياھەت كېمىسىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇپ ئېلىپ چىقتى. ئامېرىكا پۇقرالىرى بېسىلغان ئىككى مەخسۇس ئايروپىلان يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ياپونىيەدىن ئايرىلدى.

«ئالماس مەلىكە» ناملىق ساياھەت كېمىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك 3-فېۋرالدىن بۇيان توكيو شەھىرىدىكى يوكوخاما پورتىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

مەزكۇر كېمىدە 2666 يولۇچى، مىڭدىن ئارتۇق كېمە خىزمەتچىسى بارلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 356 ئادەمنىڭ مەزكۇر يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن. يۇقۇم نىسبىتىنىڭ بۇقەدەر يۇقىرى بولۇشى كېمىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش تەھدىتىنى ئاشۇرغان.

شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۇر كېمىدىكى 400 گە يېقىن ئامېرىكا پۇقراسىغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار ھەمكارلىشىپ قايتۇرۇپ كېلىش ئىشلىرىنى بېكىتمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر كېمىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ئامېرىكا پۇقرالىرى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىنمۇ كارانتىن ئاستىدا 14 كۈن كۆزىتىلىدىكەن.

ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ خىتايدىكى ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەر كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان شەھەرلەردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۈركۈمگە بولۇپ قۇتقۇزۇپ ئېلىپ چىققان ۋە كالىفورنىيەدىكى ھەربىي بازىلاردا كۆزىتىش ئاستىغا ئالغان ئىدى.

ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا 443 ئادەم يۇقۇم گۇمانى بىلەن كۆزىتىلمەكتە. بۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت 15 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان، 347 نەپىرىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، قالغان 81 نەپىرى تېخىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت