ئۇيغۇر رايونىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 71 گە يەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ تونۇلغان تاجسىمان يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ يەنە كۆپىيىپ، 71 گە يەتكەنلىكى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورىنى» ڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلارنىڭ 50 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ۋىلايەتلەردە، قالغان 21 نەپىرى بىڭتۇەنىگە تەۋە رايونلاردا ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سان 15-فېۋرال كەچ سائەت 12 گىچە بولغان ئارىلىقتا رايوندا بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمىي كۆرسىتىدىكەن. 

تاجسىمان يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى تەۋەسىدە بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قالغانلىرى تۇرپان، ئاقسۇ، سانجى ۋە كورلا تەۋەسىدە 3، 4 نەپەردىن تارقالغان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلاردىن باشقا يەنە 5 مىڭ 168 ئادەم كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاتۇش شەھىرىدىكى پەقەت بىر مېھمانخانىدىلا 99 ۋۇخەنلىكنىڭ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە بەزى يۇقۇم گۇماندارلىرىنىڭ لاگېر رايونغا يېقىن جايلاردا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 

يېقىنقى خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا تاشلانغان ئۇيغۇر رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇش، ئەركىن ئاخباراتىنى چەكلەش ئارقىلىق رايوندا يوشۇرۇن سەھىيە ئاپىتىنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت