تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا خىتايدا تاجىسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2600دىن ئاشقان، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 77 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە بۇ ۋابانىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق كېسەلگە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى جىددىي ئويلاندۇرماقتىكەن.

CNN نىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىراننىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئىراج خارىرچىغا بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇققانلىقى ھەمدە ئىتالىيەدە مۇشۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئاللىقاچان يەتتە كىشىگە، جەنۇبىي كورېيەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 11 كىشىگە يېتىشى بىلەن غەرب دۇنياسىدا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرگە يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاسىيا قىتئەسى نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغانلىقتىن بىر قىسىم كىشىلەر 2020-يىلى ئىيۇلدا ئېچىلىدىغان توكيو يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىشماقتىكەن. ئەمما ياپونىيە تەرەپ «ھازىرچە بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا سۆز قىلىش بەك بالدۇر» دېگەن. 

ئامېرىكىدىكى NBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئاق ساراينىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن ئىككى يېرىم مىلياردا ئامېرىكا دوللىرى سورىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەبلەغ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ياساش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە سەرپ قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇھەقتە سۆز قىلىپ؛ «تاجىسىمان ۋىرۇس ئامېرىكىدا تولۇق كونتروللۇق ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە پات يېقىندا ھەل بولىدۇ» دېگەن. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ «تاجىسىمان ۋىرۇسنى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، دېيىش ھازىرچە بەك بالدۇر» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت