كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 

«تەڭرىتاغ تورى» 27-فېۋرال كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 9 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىسىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى، نەتىجىدە ساقايغانلار سانىنىڭ 43 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق خەۋەردە يۇقۇملانغۇچىلار ۋە كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ھەققىدە ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 26-فېۋرال كۈنى كېچە سائەت 24:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا مەملىكەت مىقياسىدا يەنە 433 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى دوكلات قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بىر كۈن ئىلگىرىكى ئېلان قىلىنغان 406 نەپەردىن كۆپ ئىكەن. بېيجىڭ شەھىرىمۇ ئالدىنقى كۈنى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 0 دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ 26-فېۋرال كۈنى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 10 دەپ ئېلان قىلغان. نەتىجىدە خىتايدا ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 78,497 گە، ئۆلگەن كىشى سانى 2,744 گە يەتكەن. 

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىلاشنى 19-فېۋرال كۈنىدىن ئېتىبارەن توختاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىليونلارچە بىگۇناھ كىشىگە يۇقۇش ئېھتىماللىقى چەتئەللەردە دىققەت قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، كۈچلۈك گۇمان قوزغىغان. 

كورونا ۋىرۇسى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ كەڭ تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىران، جەنۇبىي كورىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى82,446 گە، ئۆلگەنلەر 2,808 نەپەرگە يەتكەن. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بۈگۈن قىلغان سۆزىدە بارلىق دۆلەتلەرنى ۋىرۇسقا تەييارلىق قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھەرقانداق بىر دۆلەت بىزگە بۇ ۋىرۇس كەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالسا ئۇ ھالدا بۇ ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ،» دېگەن.

 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت