پومپېيونىڭ كورونا ۋىرۇسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مايك پومپېيو 6‏-مارت كۈنى ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇقىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ خىتايدا پارتلىغان بۇ ۋىرۇسنى مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە 2‏-قېتىم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىدۇر. 

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ خىتايدىن تارقالغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا باشلىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تاراتقۇلارنىڭ بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىنىڭ «ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك» ئىكەنلىكىنى تەكتىلىگەن. لېكىن مايك پومپېيو CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ يۇقۇمغا ئۈنۈملىك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئالغانلىقى ھەققىدىكى بىر سۇئالىغا نۆۋەتتىكى يۇقۇمنى «دەل ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. 

مەزكۈر ۋىرۇس ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا ۋۇخەندە بايقالغان. ئەمما جاۋ لىجيەن بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۇنى ‹جۇڭگو ۋىرۇسى› دەپ ئاتاش شۇنداقلا بۇنىڭغا ھېچقانداق پاكىت بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بەزى تاراتقۇلار جۇڭگونى ئەيىبلەشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ خىل يامان غەرىزى ئىشقا ئاشمايدۇ،» دېگەن ئىدى.

بىراق مايك پومپېيو خىتاينىڭ «ۋىرۇس باشقا جايدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن،» دېگەن بايانلىرىنى رەت قىلىپ: «بېيجىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىمەسلىكى كىشىنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ تىرىشچانلىقىغا خوشال بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىن كەلگەنلىكىگە ھېچكىمنىڭ كومپارتىيەدەك ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت