ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كارانتىن ئاستىدىكى يۇقۇمدارلاردىن پەقەت 3 كىشى قالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ساقىيىپ، كارانتىن ئاستىدا پەقەت ئۈچلا كىشى قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ 6‏-مارت كۈنى بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دىئاگنوز قويۇلغان 76 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ 70 نەپىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولغان. پەقەت 3 نەپەر يۇقۇمدارلا كارانتىن ئاستىدا ئىكەن.

دائىرىلەر ۋۇخەندا پارتلىغان بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا رايوندا بايقالغان 76 نەپەر يۇقۇمداردىن پەقەت 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كارانتىن ئاستىدىكى 3 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ 2 نەپىرى يەرلىكتە، بىر نەپىرى بىڭتۈئەندە ئىكەن. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان رايوندا ھېچقانداق يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، بۇرۇن بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغاپ، ئۇنىڭ يۇقۇمغا دائىر تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا سۇئال قويۇپ كەلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتايدا پەيدا بولغان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ 4‏-مارت كۈنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا تەكىتلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇردىن باشقا ئۇچۇر بولمىغان شارائىتتا، يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن. ئۇ: «خىتايدا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا لاگېرلاردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ خەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر رايوندا 1348 كىشى كۆزىتىش ئاستىدا بولۇپ، 5‏-مارتقىچە ھېچقانداق يېڭى يۇقۇمدار بايقالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت