پرېزىدېنت ترامپ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى دۆلەت دەرىجىلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13-مارت كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدە پارتلاپ ئامېرىكاغا قەدەر تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يۇقۇمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن 50 مىليارد دوللار جىددىي قۇتقۇزۇش پۇلى ئاجراتقان. نۆۋەتتە ئامېرىكادا كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغان 1701 نەپەر يۇقۇمدار بايقىلىپ، 40 ئادەم ئۆلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە شتاتىدەك بەزى شتاتلار چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى يىغىلىشلارنى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلغان، مەكتەپلەرنى تاقىغانىدى.

كورونا ۋىرۇسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن باشلانغان. يۇقۇم ۋۇخەندىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ خىتايدىن باشلانغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان شۇنداقلا يۇقۇمنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشقا قارشى چىققان. 

يۇقۇمنىڭ قەيەردىن تارقالغانلىقى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشقا ساۋاب بولغان. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ئوبرائېن، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، دۇنياغا زور تەھدىت ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. پرېزىدېنت ترامپ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى جىددى ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا «كەلگۈسى 8 ھەپتە ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، جىددىي ھالەت مەزگىلىدە دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي ئەھۋال تەييارلىق پىلانلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، كېلەر ھەپتىگىچە 500 مىڭ ۋىرۇس سىناق ئەسۋابىنى ئىشقا سېلىش، ستۇدېنتلار ئوقۇش قەرزى پۇلىنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئېلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت