28-ئىيۇل كۈنى ۋىيېتنامدا تونۇلغان 60 نەپەر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى ئىمزا قويغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئوچۇق خەتتە ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنى سوتسىيالىزمدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
ۋىيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارغا قارىتىپ يېزىلغان ئوچۇق خەتتە، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنى سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىنغان. ئوچۇق خەتتە يەنە، ۋىيېتنام پەقەت سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەندىلا ۋىيېتنامدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى، ئەركىن تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادتا خىتايغا تايىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئوچۇق خەتكە ۋىيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ پېشقەدەم ئەزالىرىدىن ئىلگىرى ۋىيېتنامنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچى بولۇپ ئىشلىگەن دىپلومات، بىر نەپەر مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە ۋىيېتنامدا تونۇلغان بىر ئىقتىسادشۇناسمۇ ئىمزا قويغان.