خادا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆزىنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىندا تۈرمىدىن چىققان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن خىتايدىن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئۇنىڭ 24 - دېكابىر رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، قويۇپ بېرىلگەن كۈنى خەلقئارا ئاخباراتقا بايانات بەرگەنلىكى ئۈچۈن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇ رادىئومىزغا مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە مەن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقىشىنى خالايمەن. بۇ دۆلەتتە ئائىلىمىزدىكى ئۈچەيلەن ئېغىر ئىزتىراپ چېكىۋاتىمىز.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مېنىڭ كىرىمىم يوق، تېخى ساقچىلار بىلەن تېببىي سۇغۇرتا ھەققىدە سۆزلەشمىدىم. ئىنىمنىڭمۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ياردىمى توختىتىلدى.

خادا ئىچكى موڭغۇلغا كەڭرەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ يازغان ماقالىسى تۈپەيلىدىن 20 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئوتكەن ھەپتە قويۇپ بېرىلگەن ۋە ساقچىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى بىر بىنا ئۆيگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر خادانى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي ۋە باشقا ياردەملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت