خىتاي خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى تىللېرسوننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ «ب د ت نى يادرو قىلغان، ب د ت نىزامنامىسىنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەپەئەتىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۆز مەنپەئەتىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارادا ئويناۋاتقان رولىغا ئىجابىي قارىشىنى، خىتايغا بولغان بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىدىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن. لۇ كاڭ، خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا سوتنىڭ بۇلتۇر چىقارغان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دەرۋەقە، خىتاي مەزكۇر رايوندا سۈنئىي ئارال ياساشنى ۋە بۇ ئاراللارغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

تىللېرسون چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە ھىندىستان بىلەن خىتاينى سېلىشتۇرۇپ، «خىتاي ھىندىستانغا ئوخشاش باش كۆتىرىۋاتقان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەسئۇلىيەتچان ئەمەس. ئۇ ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردەك خەلقئارا سىستېما ئىچىدە ھەرىكەت قىلماي، خەلقئارا قائىدە- تۈزۈملەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ھىمايىسىدىكى خەلقئارا قانۇن ۋە تۈزۈملەرگە قىلىنغان بىر خىرىس،» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت