فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايوندىكى باستۇرۇشتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئۆسمىنى يوقىتىش: شىنجاڭدىكى باستۇرۇشتا خىتاي پۇقرالىرى رول ئوينىماقتا» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلارغا چۈشۈرگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ماقالىدا ھۆكۈمەت بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى «خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش» دېسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارشى خەۋپلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى جازالاشتەك يەنە بىر مەخپىي ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى ئاقجىغانلىق كەنتىگە چۈشكەن بىڭتۇەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئەڭ ئاشقۇن ھالەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكى، يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن بۇنداق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا ئاشكارىلىشىچە، بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاقجىغانلىق كەنتىگە ئورۇنلىشىپ 4 ئايدىن كېيىن، بۇ كەنتنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئاھالىسى غايىب بولغان. ماقالىدا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ مەزكۇر كەنت نوپۇسىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىشىچە، بىڭتۇەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاقجىغانلىق كەنتىگە چۈشكەن دەسلەپكى كۈنلەردە پۈتۈن كەنتكە چاغانلىق پانۇسلارنى ئاستۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۇرسى ئېچىش، پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلەش، ھۆكۈمەت قورۇسىنى تازىلاشتەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندەك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي كەنت پۇقرالىرىنى سوراق قىلىشقا، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن. ماقالىدا بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بىز ئاقجىغانلىق كەنتىنىڭ كۆزىدىكى تۇماننى پۈتۈنلەي تارقىتىپ، پەردىنىڭ ئارقىسىغا قارىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆسمىنى كېسىپ تاشلىشىمىز كېرەك،» دېيىلگەن.

ماقالىدا يەنە ئاقجىغانلىق كەنتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى ساقچى بىلەن توشۇپ كەتكەن يۈزلەرچە كەنتنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى باستۇرۇشنىڭ خەلقئارانى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بۇ رايوندىكى «كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مىسلىسىز تەقىبلەردىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلىۋاتىمىز،» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت