ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەدىن كېيىن فرانسىيەمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە ئەنگىليە، 27-نويابىر كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرغان ئىدى. 28-نويابىر فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لې درىئانمۇ خىتاي تەرەپكە خىتاپ قىلىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھەركەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ۋە لاگىرنى تاقاشقا دەۋەت قىلدى.

ئۇ يەنە خىتاي تەرەپنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى مىشەل باچېلېت ۋە باشقا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىردى. «ياۋروپا خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 29-نويابىردىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، فرانسىيەنىڭ بۇ چاقىرىقىغا خىتاي تەرەپتىن ئىنكاس كېچىكمىگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈنكى جاۋابىدا قايسىي دۆلەت بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغاننلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت