ئىنفېنتىنو، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىماي دۇنيا پۇتبول كۇلۇبلىرى مۇسابىقىسىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفېنتىنو خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا تەنقىدلەر كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە دۇنيا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ساھىبخانلىقىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى ئاقلىغان. ئۇ 20‏-دېكابىر كۈنى قاتار پايتەختى دوخادا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «بەلكىم، كىشىلەر خىتايغا ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايىغا بېرىپ ۋە توپ ئويناپ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىيەلەيدۇ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. بەلكىم، ئاخىرىدا خەلقنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن. خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ يىل 10‏-ئايدا 2020‏-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىق ھوقۇقىنىڭ شاڭخەي شەھىرىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ساھىبخانىلىقنى خىتايغا بېرىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى، ئەنگلىيە ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى مەسئۇت ئۆزىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەنىدى. 

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى يەنە خەلقئارادا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ساھىبخانلىقنى شاڭخەيگە بەرگەن. بۇ ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت بىلەن جوش خوۋلېي ئامېرىكا دۆلەتلىك پۇتبول جەمئىيىتى NBA ئۇنىۋېرسالنىڭ دىرېكتورى ستېفان بۇرك بىلەن NBA ئولىمپىكىنىڭ پرېزىدېتى گەرىي زېنكىلغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنى بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىشىنى بىكار قىلىش ھەققىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رىك سكوت بىلەن جوش خوۋلېي مەكتۇبىدا، خىتاينىڭ نوقۇل دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە ئىسپاتلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئىنفېنتىنو جۈمە كۈنى قاتاردا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە يەنە، «دۇنيا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ھەل قىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت