كېنىيەدىكى «ئىرقچى» ئاشخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى خىتاي ئاشخانىسىنىڭ ئىرقچىلىق قىلىپ، قارا تەنلىك خېرىدارلارنى ئاشخانىغا ئالمايۋاتقانلىقى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، نايروبى دائىرىلىرى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىپ، بۇ ئاشخانىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.

بۈگۈن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەكشۈرۈش داۋامىدا مەزكۇر ئاشخانىنىڭ تىجارەت رەسمىيىتىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭمۇ رەسمىيەتسىزلىكى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئاشخانا باشقۇرغۇچىسى زاۋ فامىلىلىك ئايال «رۇخسەتسىز تىجارەت قىلىش» ۋە «قانۇنسىز ئىشچى ئىشلىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇ ھازىر نايروبىدىكى بىر ئاياللار تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

نايروبى دائىرىلىرى بۇ خىتاي ئايالنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ دۈشەنبە كۈنى سوتقا چىقىرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن.

نايروبىدا «ئىرقچى ئاشخانا» دەپ نام چىقىرىپ قالغان بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەرىكىتى سەۋەبلىك نايروبى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە چاقىرتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت