خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەر ئىككىنچى نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن قامال ئاستىغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەر ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋىرۇس يۇقۇمى تۈپەيلىدىن قامال ئاستىغا ئېلىنغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىشەن شەھىرىنىڭ جىيا ناھىيەسىدىكى ئالاھازەل 600 مىڭ ئاھالىگە سەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆيىدە تۇرۇرش ئۇقتۇرۇشى قىلىنغان. مەزكۇر ناھىيەنىڭ مىكرو بلوگ ھېساباتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا «ئۆيدىن چىقىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىجازەتنامە لازىملىقى، ئاھالىلەر چوقۇم تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشكە قاتنىشىشى ھەمدە ماسكا تاقىشى كېرەكلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جيا ناھىيەسىدە تۇنجى يۇقۇم ئەھۋالى 2019-يىلى 12-ئايدا پەيدا بولغان ئىكەن. ناھىيەلىك قاتناش ئىشخانىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار گېزىتكە «ھازىر جيا ناھىيەسىگە ھېچكىم كىرەلمەيدۇ ياكى ئايرىلالمايدۇ. ئۇ يەرگە ئەڭ ياخشىسى بارماسلىق كېرەك» دېگەن. رايوندىكى پۈتۈن زاۋۇتلارمۇ تاقالغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك لازىمەت ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى تولۇقلىۋېلىشى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا يېڭى يۇقۇم ۋەقەلىرىدە زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى يېڭىپ چىققانلىقىنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ھەققىدە تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى كەڭ مۇنازىرە قىلىنىۋاتاتتى. يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆزىدە «خىتاينىڭ يېڭى يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىمۇ راست گەپ قىلماي، ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى» تەنقىد قىلغان.

پىڭدىڭشەن شەھىرىدىكى بۇ ئەھۋال، يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى تەشۋىقاتى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىلگەن ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت