ۋېن جياباۋنىڭ مۈلكىنى پاش قىلغان خەۋەر «ئامېرىكا خەۋەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ شاڭخەيدىكى شۆبىسىنىڭ باشلىقى داۋىد باربوزا (جاڭ داۋېي) ۋە ئامېرىكىنىڭ بلومبېرگ گېزىتىنىڭ، ۋېن جياباۋنىڭ مۈلكىنى پاش قىلغان خەۋىرى جورجى پولكا دەپ ئاتىلىدىغان «ئامېرىكا خەۋەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىللىق جورجى پولكا مۇكاپاتى 11-ئاپرېل كۈنى نيۇيوركتا تارقىتىلىدىكەن.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ بلومبېرگ گېزىتى بۇلتۇر 12-ئايدا ئېلان قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ مال-مۈلكى ھەققىدىكى خەۋىرى سەۋەبلىك خىتايدا چەكلىمىگە ئۇچراپ،نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خىتايدىكى تور بېكىتى بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت