خەلقئارا تاراتقۇلار شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي پارادتا سۆزلىگەن سۆزىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

30-ئىيۇل، يەنى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋېتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا  مەغلۇب بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

يەكشەنبە كۈنى ترامپنىڭ تىۋېتتېردىكى ئىنكاسى ئوتتۇرىغا چىقىپ سائەت ئۆتمەيلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىچكىي موڭغولدىكى بازىسىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي پارادتا سۆز قىلغان.

تولۇق ھەربىي كىيىم بىلەن ئۈستى ئوچۇق جىپتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 12 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قىسمىنىڭ ھەربىي پارادىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۈگۈن تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرگە قارىغاندا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىشقا ئېھتىياجىمىز بار.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەرقانداق بىر تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئارمىيەسىنى مەغلۇب قىلالايدىغان ھەربىي قۇدرەتكە ھەمدە جۇڭگونىڭ دۆلەت تېرىتورىيەسىنى قوغداپ، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگىدۇر.»

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكىي موڭغولدىكى ھەربىي پارادتا قىلغان سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

بۈگۈن س ن ن نىڭ دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسىدە «خىتاي غايەت زور ھەربىي پارادتا ئەڭ يېڭى قۇراللىرىنى كۆز-كۆز قىلدى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر ھەربىي پاراد خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىنى خاتىرىلەش پائالىيتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇ بۇ يىل كۈزدە ئېچىلماقچى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھوقۇقنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى.»

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» مۇ بۈگۈن شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي پارادتىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان، «ماۋ زېدوڭ ئۆز ۋاقتىدا "مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ" دېگەن. شى جىنپىڭ ھەربىي پارادتىكى سۆزىمۇ دەل بۇنىڭ سىگنالىنى بېرىۋاتىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت