شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغقان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىگە قارىغان، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئۈچ يىلدىن بۇيان، سىياسىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىپلا قالماي، مائارىپ، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يەنە كۈچەيتكەن.

ماقالىدە بۇ خىل كونتروللۇقلارنىڭ كۈچەيتىلىشى، خىتاي دۆلىتى ئىچكى ۋە تاشىقى رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتقان شى جىنپىڭ ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «شىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلەردە جىددىي ئۇلغىيىۋاتقان چېرىكلىكلەرنى باستۇرۇشى ئاۋام پۇقرانى مۇئەييەن جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخباراتقا قاراتقان قاتتىق كونتروللۇقى كىشىلەرنىڭ سەبرىسىنى تاشقۇزۇشى مۇمكىن. بۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.»

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئاخباراتچىلار ۋە ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئەكس تەسىر بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقنى كەلتۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى2015 - يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ مەزكۇر دوكلات يىلىدىمۇ، يەنىلا بىر ھاكىم مۇتلەق دۆلەتلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرمىگەنلىكى، ئۇنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق، پىر ئەركىنلىكى، تەشكىللىنىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆزىنىڭ بىر پارتىيەلىك تۈزۈمىگە خەۋپ، دەپ باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت