نارازىلىق سادالىرى ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە شى جىنپىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارالغان، بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇم تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن دوختۇر لىن ۋېنلياڭ قازا قىلىپ، خىتاي جامائىتى ئارىسىدا نارازىلىق سادالىرى ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋىرۇسنى تىزگىنلەش ھەققىدە بۇرۇنلا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل كەم ئۇچرايدىغان ئاشكارىلاش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بېسىم سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

گېزىتنىڭ شەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋىرۇس پارتلىمىسى باشلىنىش ئەسناسىدا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىغا يول يورۇق بەرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ ۋىرۇس پارتلىمىسى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەتتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇتۇق 2-فېۋرال سۆزلەنگەن بولۇپ، 15-فېۋرال خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ 2-فېۋرالدىكى نۇتقىدا، 7-يانۋار ۋىرۇس پارتلىمىسىنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، 20-يانۋار ۋىرۇس پارتلىمىسىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ نەقىل قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى سىياسىي ئانالىزچى ۋۇ چياڭ، بۇ نۇتۇقنىڭ خىتاي ئىچىدە نارازىلىق سادالىرى قاتتىق كۈچەيگەن مەزگىلدە ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئۇ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكنى تىزگىنلەش ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا قولىدىن كېلىدىغان ھەممىنى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە قارارلىرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ.»

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغا كەلگۈچە خىتايدا 68 مىڭ 500 ئادەم تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، 1665 ئادەم ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت