خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» ئېچىش پىكىرىنى ئالغا سۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان بىر ئىقتىسادىي خىزمەتلەر يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» قۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ تەكلىپ لايىھەسىدە «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆز يۇرتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تەكلىپ لايىھەسىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇش ۋە خىزمەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ياشاۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ «شىنجاڭلىقلار» بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. چەتئەللەردە ھەرساھە ۋە ھەر خىل كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان «شىنجاڭلىقلار» نى «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» ئارقىلىق بىر يەرگە جەم قىلىشنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارادا شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان ياخشى بىر مۇنبەر بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يۇقىرىقى بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىككى مىليوندىن ئوشۇق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرغا قامىغانلىقى خەلقئارادا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئەمدىلىكتە ئاتالمىش «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» ئېچىش ئارقىلىق يېڭى بىر تەشۋىقات ئويۇنى ئويناپ، خەلقئارانى قايمۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتىكەن. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» غا قارشى قۇرۇلىدىغان تەشۋىقات مۇنبىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت