خىتاي ئادۋوكاتلىرى جىنەن ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «خەلق رايىنى كۆزىتىش ئىشخانىسى»نىڭ 27-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قانۇن تەرتىپ بويىچە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇ شياڭشىن، شې ياڭ قاتارلىق بىر نەچچە ئادۋوكات ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەردە، ئادۋوكات شۇ شياڭشىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، جىنەن ئوۋتى مەركىزى ساقچىخانىسىغا سولاپ قويۇلغانلىقى، قالغان ئادۋوكاتلارنىڭ جىنەن شەھەرلىك ساقچىخانىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ شياڭشىن قاتارلىق ئادۋوكاتلار تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى، جىنەندە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىققا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىلگىرى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت