ئامېرىكا، خىتايدا ئادۋوكاتلارنىڭ داۋاملىق پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، دېدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-جوڭگو قانۇن دىئالوگىدىن مەلۇمات بەرگەندە قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە، ئەمگەك، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تام مالىنوۋسكىي،«مەن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش كۆرۈپ باقمىدىم. بىراق بىزنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن چوڭقۇرلاپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىمىز ياخشى ئەھۋال» دېگەن.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7‏-ئايدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، بەزى ئاتاقلىق ئادۋوكاتلارنى قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئادۋوكاتلىق قىلغان ئايال ئادۋوكات ۋاڭ يۈ بار ئىدى.

ۋاڭ يۈنىڭ مەسىلىسى 14‏-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-جوڭگو قانۇن دىئالوگىدا ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان سەزگۈر دېلولارنىڭ بىرى.

تام مالىنوۋسكىي، ئادۋوكاتلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكىتى شى جىنپىڭ كۈچلۈك تەرغىب قىلىۋاتقان قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دائىرىلىرىنى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىگە ئىجابىي قاراشقا، جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت