خىتايدا ئالدامچىلار سوتلاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


2000 - 2004 - يىللىرى ئارىسىدا ئىككى مىليارد 800 مىڭ يۈەن بانكا ئامانەت پۇلىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاينى زىلزىلىگە سالغان گاۋشەن، لى دوڭجې ۋە لى دوڭخۇ قاتارلىق 7 ئادەم 29 - سېنتەبىر كۈنى خاربىن شەھەرلىك ئوتتۇرا تەرىپىدىن سوتلانغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گاۋشەن جۇڭگو بانكىسى تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. بۇ كىشىلەر ئۆز خىزمەت سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامانەت پۇللىرىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە زور مىقداردىكى پۇلنى ئېلىپ چەتئەلگە قېچىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

جۇڭگو بانكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى خېسوڭجې تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گاۋشەن 2004 - يىلى، زور مىقداردىكى ئامانەت پۇلىنى ئىگىلىۋېلىپ، كاناداغا قېچىپ كەتكەن ۋە كېيىن كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرۇش تەلىپى رەت قىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئاكا - ئۇكا لى دوڭخۇ ۋە لى دوڭجېلەرمۇ كاناداغا كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ،2011 - ۋە 2012 - يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى تاپشۇرغان.

ھازىرچە مەزكۇر سوتلانغۇچىلارغا قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق باشقا گۇماندارلارنىڭ جىنايەتلىرىمۇ بېكىتىلىش كۈتۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە كۈچەيگەن خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن توپلىغان پۇللىرىنى چەت ‘ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ پۇللىرىنى ئېلىپ چەتئەلگە قېچىش قىلمىشلىرى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بولىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت