نيۇت گىنگرىچ: «خىتاي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ سابىق ئاۋام پالاتا رەئىسى نيۇت گىنگرىچ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ «ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خەتەر» گە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر سابىق جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى بۇ سۆزلەرنى 2‏-نويابىر كۈنى سابىق پرېزىدېنت نىكسوننىڭ نامىغا قۇرۇلغان «نىكسون كىتابخانىسى» دا نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىگەن. نيۇت گىڭرىچ 1990‏-يىللاردىكى سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون دەۋرىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىنىشىنى قوللىغان سىياسىيونلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن، گىنگرىچ شەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ: «ئەينى ۋاقىتتا مەن خىتاي تەرەققى قىلسا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن دېموكراتىك جەمىيەتكە قاراپ ماڭىدۇ، دېگەنگە ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدىم. مەن ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەنتىقىلىق، چۈنكى، قائىدە تۈزۈم ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتقا كىرىشى ئۇنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ ئويلايتتىم» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇنداق ئويدا بولۇشىغا دېڭ شاۋپىڭنىڭ 1992‏-يىلى سۆزلىگەن ئومۇميۈزلۈك بازار ئىقتىسادىغا كۆچۈش توغرىسىدىكى نۇتۇقى ھالقىلىق رول ئوينىغان. لېكىن گىنگرىچ ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي خاتالاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ پىلانى بىلەن غەربنىڭ چۈشەنچىسى پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى مەقسەتنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ چەتئەللىكلەرگە ئۇنى پرېزىدېنت، دەپ خىتاپ قىلىدىغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ لېنىن، ستالىن، ماۋ زېدوڭغا ئوخشاش دىكتاتۇر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭنى پرېزىدېنت، دەپ ئاتىشى چەتئەللىكلەردە ئۇنىڭغا قارىتا «نورمال تەسىرات» پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گىنگرىچ يەنە شى جىنپىڭنىڭ خىزمىتى كومپارتىيەنىڭ ئىزچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىنمۇ چوڭ تەھدىت. راستىنى ئېيتقاندا، مېنىڭچە ئۇلار بىز 1770‏-يىللىرىدا دۇچ كەلگەن برىتانىيە ئىمپېرىيەسىدىنمۇ چوڭ تەھدىد» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت