خىتاينىڭ ئەنخۇي يۇقىرى سوتى ناھەق سوتلانغان 19 كىشىدىن كەچۈرۈم سورىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئەنخۇي يۇقىرى سوتى7 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى گېزىتتە ئېلان چىقىرىپ، ناھەق سوتلانغان 19 كىشىدىن كەچۈرۈم سورىغان. چەتئەل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ناھەق سوتلانغانلاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سوراش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنخۇي يۇقىرى سوتى ئەنخۇيدا چىقىدىغان «خاۋجۇ كەچلىك گېزىتى»نىڭ 8 - سېنتەبىردىكى سانىدا چىقارغان ئېلانىدا، مەبلەغ ئالدامچىلىقى بىلەن ناھەق ئەيىبلەنگەن بۇ 19 كىشىگە يەنە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇش، روھىي زەربىگە ئۇچراش تۆلىمى قاتارلىقلارنىڭمۇ بېرىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن «خىتاي سوتى خاتا دېلولاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، خىتايدىكى شىركەتلەرگە چېتىشلىق ئىقتىسادىي دېلودا، خىتاي سوتىنىڭ 19 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ناھەق سوتلانغانلىقنى ۋە ئۇلارغا مەلۇم مىقداردا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى خىتاينىڭ سوت تارىخىدىكى تۇنجى ۋەقە ۋە يېڭى باشلىنىش بولدى، دېگەن بايانلار بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت