خىتاي ھۆكۈمىتى «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا ماس قەدەمدە ئىجرا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەرىكەتنىڭ «سوتسىيالىستىك قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئىجرا بولىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، قانۇن پىدائىيلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرى نامىدىكى تۈركۈملىگەن «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» ئۆمەكلىرى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تۈرلۈك لېكسىيەلەر ۋە سەھنە نومۇرلىرى ئارقىلىق «ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، «قالاق ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش» قاتارلىق ساھەلەر بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ كېڭەيتىلىش

بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تارقالغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشى»، «ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاپاش قىلىپ يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىشى» دېگەندەك بىر قاتار پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان. شۇ چاغلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنى «خىتايغا خاس چاكىنىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېڭىلىشى» دەپ كەسكىن تەنقىدلىگەن ئىدى. 

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قالاق ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتىنى «سوتسىيالىستىك قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلماقچى بولۇشى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ «كومپارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» دېگەنلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئەسىرلەردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئۆرۈپ-ئادەتلەرنىڭ «قالاقلىق» نىڭ نىشانى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىكەن. 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ساھەسىنى خىتايچىلاشتۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى دۇنياسىنىمۇ ئۆزگەرتىش كويىدا بولماقتا،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت