خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىن 2 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلەرگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«ئامېرىكا بىلەن بەھرىلىنىش» (ShareAmerica) تورىنىڭ 24-سېنتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان ئالاقىدار خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتايلارغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكى، يۈرۈش-تۇرۇشى ھەتتا پەرزەنتلىرىگە قانداق ئىسىم قويۇشىغا قەدەر نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەن. 

بىر قانچە يىل ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئارا تويلاشقانلارنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. ئەمدىلىكتە دائىرىلەر ھەرخىل سىن كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ تاكتىكىلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. 

خەۋەردە ئامېرىكادىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئانتروپولۇگ دەررىن بايلېرنىڭ «مىللەتلەر ئارا تويلىشىش دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ماقالىسىدىكى ئۈزۈندىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئۇنىڭدا دەررىن بايلېر زىيارەت قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ لاگېردىن قۇتۇلۇپ قېلىش مەقسىتىدىلا خىتايغا ياتلىق بولۇش يولىنى تاللىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 18-ئىيۇل ئېچىلغان دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشلىرىنى «مۇشۇ ئەسىرگە چۈشكەن بىر ئېغىر داغ» دەپ ئىزاھلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت