خىتاي، خەلقئارانىڭ 5 نەپەر ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسىنى قويۇۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 5 نەپەر ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسىنى قويۇۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى سۆزىدە ھېچكىمنىڭ خىتايدىن بىر كىمنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ، خىتاي ئەدلىيىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق» دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى 8 - مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گۇاڭجۇ ۋە بېيجىڭدا «جىنسىي پاراكەندىچىلىك» كە قارشى نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان 5 نەپەر ئايالنى نامايىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن «مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، تەرتىپنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاياللارنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا 3 ھەپتە بولاي دېگەن. بىراق، بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىمىز يوق، دېگەن. بۈگۈن خىتاي باياناتچى خۇا چۈنيىڭمۇ بۇ ئاياللارنىڭ دېلوسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن تىنچ يول بىلەن نامايىش تەشكىللىمەكچى بولغانلارنى قولغا ئېلىشى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ 5 نەپەر ئايالنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت