خىتاي بېلىقچىلار تەكلىماكاندىكى كۆللەرنىڭ بويىغا يەرلىشىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

باغراش كۆلىنىڭ بۇلغانغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بېلىقچىلارنىڭ باي بولۇش ئويىدا تەكلىماكاندىكى كۆللەرنىڭ بويىغا يەرلىشىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى ئارزۇدا كەلگەن 7 ئائىلىلىك بېلىقچى خىتاي ئالتاي ۋىلايىتىگە تەۋە ئۇلۇڭگۈر كۆلىنىڭ قىرغىقىغا چېدىرلىرىنى تىكىپ ئىپتىدائىي كېمىلەر بىلەن بېلىق تۇتۇشقا باشلىغان. 

ئۇلۇڭگۈر كۆلى، باغراش كۆلىگە ئوخشاشلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاتلىق سۇلۇق چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىنىڭ بىرى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى رايوندىكى بېلىق زاپىسى بىر قەدەر مول كۆللەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يەتتە ئائىلىلىك خىتاي بېلىقچىلار ياڭزى دەريا ۋادىسىدىن كەلگەن ئىكەن. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ بېلىقچى ئائىلىلەردىن بىرى بولغان چېن گۈيشەن مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردە پۇل تاپماق ئاسان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، چېنلارنىڭ ئائىلىسى 9 يىل ئىلگىرى ئاتالمىش «قۇملۇق بېلىقچى ئەترىتى» دېگەن بىر گۇرۇپپىغا قاتنىشىپ، باي بولۇش ئارزۇسىدا ياڭزى دەريا ۋادىسىدىكى يۇرتىنى تاشلاپ بۇ سەپەرگە ئاتلانغان ئىكەن. 

بۇلار باھار ۋە ياز پەسلىدە ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە بېلىق تۇتسا، كۈز پەسلىدە باغراش كۆلىگە كېلىپ چېدىر تىكىدىكەن. 

ھالبۇكى، خەۋەردە بۇ خىلدىكى كۆچمەن بېلىقچىلارنىڭ ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە يەنە بار-يوقلۇقى، بۇنداق بېلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا قانداق ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى شەرھلەنمىگەن. 

خەۋەردە شۇنداقتىمۇ، يەرلىك بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىمنىڭ مۇھىت ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ، كۆلنىڭ ئۇلارغا بايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بېلىق تۇتۇشقا ئائىت چەكلىمە ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

باغراش كۆلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۈملىدىن خىتايدىكى بىر قەدەر چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىنىڭ بىرى ئىدى. 

ئىلگىرى خىتاي ئاخباراتلىرى، مەزكۇر كۆلنىڭ بېلىق تۇتۇش ۋە ساياھەتچىلەرگە كەڭ ئېچىۋېتىلىشى كۆل مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 

بەزى خەۋەرلەردە باغراش ئەتراپىدىكى قالايمىقان ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆل سۈيى يۈزىنى 50 پىرسەنت تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، باغراش كۆلىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى 1 مىڭ 262 كۋادرات كىلومېتىردىن نۆۋەتتىكى 800 كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان.

ئۇلۇڭگۈر كۆلىنىڭ نۆۋەتتىكى بۇلغىنىش ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

ھالبۇكى، مەزكۇر كۆلنىڭمۇ ساياھەتچىلىككە ئېچىلغانلىقى، ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ كۆل ئەتراپىغا ھەر خىل قۇرۇلۇشلارنى قىلغانلىقى، قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش بايراملىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى خىتاي ئاخباراتلىرىدا كەڭرى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت