خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىپ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 21‏-فېۋرال چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشتا چەتئەلدىكى ئەلچىخانىلىرىنى، ئالاقە يۇمتاللىرىنى ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قوللانماقتا ئىكەن. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 22 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدىن بولغان 400 دەك ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

دوكلاتتا «ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى پاراكەندىچىلىك ۋە قورقۇتۇشنىڭ ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەردى،» دېيىلگەن. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن مەزكۇر دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيران قالارلىق بايانلىرى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى ئۆز چېگراسىدىن ھالقىپ، نەلەرگە قەدەر بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەن. دوكلاتتا يەنە «دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى شىنجاڭ مۇھاجىرلىرىغا ساھىپخانلق قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى)خىتاينىڭ( پاراكلەندىچىلىكىدىن قوغدىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. 

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاينىڭ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ناملىق قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بوستان ئىجتىمائىي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە دائىر مەخىپى ئارخىپى ئاشكارلىنىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 137 بەتلىك «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى «خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر مۇھىم دەلىل،» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى خىتايغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىقارغان «ساختە ھۆججەت» دەپ رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت