بوكس چېمپىيونى مەمەتتۇرسۇن چوڭ «خىتاي بوكس شاھى» بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاتاقلىق ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى مەمەتتۇرسۇن چوڭ رەقىبىنى يېڭىپ، 2017-يىللىق «خىتاي بوكس شاھى» لىق ئورنىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، 1990-يىللاردا ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئابدۇشۈكۈر خىتاينىڭ دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا بىر قانچە يىل ئالتۇن مېداللارغا ۋە «بوكس شاھى» نامىغا ئېرىشىش بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئابدۇشۈكۈر قىزغىنلىقى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىنىش روھى ئۇرغۇتقاندىن كېيىنكى يەنە بىر زور ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.

ئابدۇشۈكۈر قوزغىغان بوكس قىزغىنلىقىدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق يېڭى بوكس چولپانلىرى خىتاي ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشىشكە باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر بوكس ماھىرلىرىدىن بىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ15-دېكابىر كۈنى خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي بوكس شاھى» لىق ئورنىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 69 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە ئىچكى موڭغۇللۇق بوكس ماھىرى، 2016-يىللىق «خىتاي بوكس شاھى» خۇچالىبىلگەنى يېڭىپ، بوكس شاھىلىق ئالتۇن كەمىرىنى تاقىغان.

«خىتاي بوكس شاھى» مۇسابىقىسى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك كەسپى بوكس مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىكەن. قىزىق يېرى 69 كىلوگراملىقلار بويىچە «خىتاي بوكس شاھى» لىق ئورنىنى خىتايدىكى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ قارىلىدىغان موڭغۇل بىلەن ئۇيغۇر ماھىرلىرىنىڭ تالىشىپ قالغانلىقى بوكس ھەۋەسكارلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 34 ياشلىق بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىلگىرى-كېيىن 30 نەچچە قېتىم خىتاي بوكس چېمپىيونى، بىر قېتىم ئاسىيا چېمپىيونى بولغان ۋە بېيجىڭ ھەم لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان.

مەمەتتۇرسۇن چوڭ بۇ يىل 8-ئايدا 13-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بوكس چېمپىيونى بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت