خىتاي، ساياھەتچى پۇقرالىرىنى تۈركىيەدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى22 ‏-دېكابىر ئۆز تور بېتىدە بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنى بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا يولۇقۇشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يېقىندا تۈركىيەدە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ بۇلىنىش ۋە ئالدىنىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايرودرومدىن چىقىشتا ۋە مېھمانخانىغا جايلاشقاندا سومكا-چامدانلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە «ئىستىقلال» تورى تۈركىيە ئاخباراتىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئەگەر ساياھەتچىلەرگە قارىتا بىرەر بۇلاڭچىلىق ياكى ئالدامچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرسە بۇنىڭ چوقۇم ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ۋەتەنداشلىرى ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلگىرىكى تۈركىيە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى 100 نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، تۈركىيەدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن، بۇ جەرياندا بەزى خىتاي رېستورانلىرىنىڭ ئىشىك، دېرىزىلىرى ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەن، ئەمما بۇلاش-تالاش يۈز بەرمىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت