خىتاي دېھقانلار مۇھىتىنى بۇلغىغان زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈننەندىكى بىر قىسىم خىتاي دېھقانلىرى ھاۋا ۋە مۇھىتىنى بۇلغاپ كېلىۋاتقان بىر مېتال بۇيۇملار زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۈننەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق باخا يېزىسىدا يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇ زاۋۇتنىڭ قۇرۇلغىنىغا 14 يىل بولغان. بۇ جەرياندا زاۋۇت قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇ زاۋۇتقا يېقىن جايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغاپ بولغان. زاۋۇتتىن چىققان قارا ئىس يەرلىكلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان.

ئۆتكەن ھەپتە، دېھقانلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە زاۋۇت باشلىقى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن دېھقانلار زاۋۇتقا بېسىپ كىرىپ، زاۋۇت قورۇسىدىكى ماشىنا، زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى، ئىشخانا ۋە ياتاقلارنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

خىتاي ساقچىلىرى چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق 16 گۇماندارىنى قولغا ئالغان.

بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نارازىلىقلار خىتاي كومپارتىيىسىگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئۆتكەن يىلى كۈنمىڭ شەھىرىدە مەزكۇر شەھەرگە قۇرۇلۇش پىلان قىلىنغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت