خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى «18‏-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىڭ لى تۈركىيەدىكى چاناققەلئە «18‏-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنياغا مەشھۇر ئەسلى تۈرك ئالىملار يىغىنى» غا غەرب ئەللىرىدىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىپ، دوكلات بەرگۈزۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

چاناققەلئە 18‏-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن مەزكۇر پائالىيىتىگە ئامېرىكا ماسساچۇسىتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ گېن تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەلىپوۋا، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق، شىۋېتسارىيەدىكى يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، ئاۋسترالىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور مەمتىمىن ئەلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنىپ دوكلات بەرگەن.

تۈركىيەدىكى «خەۋەر نىدا» ناملىق تورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇ، يىغىندا دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن. خەۋەردە، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ نارازىلىقنى قاچان ۋە قايسى شەكىلدە بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىچىككىنە ئىشلارنى، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەرقانداق دېموكراتىك ئىنكاسنى ھۆكۈمەتكە شىكايەت قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى تۈركىيەدىكى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىشىغا كاشىلا چىقىرىپ، ئۇلارغا «مىنىستىرلىقلارغا شىكايەت قىلىمىز»، «ئەردوغانغا دەيمىز» دەپ تەھدىت سالماقتىكەن. خەۋەردە، بەزى بيۇكراتلارنىڭ بۇ تەھدىتلەرگە باش ئېگىپ، ئۆزرە تىلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى تەنقىدلىنىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا «بۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قول تىققانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟» دەپ جاۋاب بېرەلمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر يىغىندا مايسەم مۇتەلىپوۋا «زور ئۆلچەمدە DNA توپلاش بىلەن مەجبۇر ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى»، ئەركىن سىدىق «يېڭى پلانېتىلارنى بايقىغۇچى ئالەم تېلېسكوپى»، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت «زور ئۆلچەملىك كومپيۇتېر بۇلۇت تېخنىكىسى» دېگەن تېمىلاردا دوكلات بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت