تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ 2 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پارىخورلۇققا چېتىلىپ قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

باش شتابى كورلا شەھىرىدىكى تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئەن ۋېنخۇا بىلەن شىركەتنىڭ باش بوغالتىرى شى جيادوڭ پارىخورلۇق، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارىم نېفىت شىركىتى 18‏-مارت يىغىن چاقىرىپ، بۇ ئىككىيلەننىڭ رەسمىي تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

شۇ كۈنى يەنە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە مىنىستىرلىقى تورىدا، ئەن ۋېنخۇا بىلەن شى جيادوڭنى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك تەكشۈرۈش قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەن ۋېنخۇا ئاخىرقى قېتىم 3‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى ئاممىۋى سورۇندا كۆرۈلگەن. ئۇ شۇ كۈنى، شىركەتنىڭ ھەپتىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىغىنىغا قاتناشقان. 17‏-مارت ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان.

ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى مياۋ يوڭيۈەننىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مياۋ يوڭيۈەن بۇرۇن خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى بولغان تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

ئۇ ئەن ۋېنخۇا، شى جيادوڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ باشلىقى ئىدى. بىراق دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ قانداق كونكرېت پارىخورلۇق سادىر قىلغانلىقىغا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت