ئۇيغۇر ئېلىدىكى 8 نەپەر نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارغا دېلو تۇرغۇزۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى 8 نەپەر نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ئۈستىدىن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلغان.

ئاسىيا كىندىكى خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇلار شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى لى بىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى مو جۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جۇ شىنيى، شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى لى يەنمىڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، 2014-يىلىدىن 2015-يىلى 5-ئايغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلىش قاتارلىق دېلو ئەھۋاللىرى بويىچە 1235 كىشى تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىم دېلودىن 60 ئى بار ئىكەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەھبەرلىرى ئارىسىدا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇقنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت