خىتاي دائىرىلىرى يەنە 3 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31-ئىيۇل جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ياڭ ۋېيزې، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سىياسىي كېڭەش رەئىسى، ئىچكى موڭغۇل ج خ نازارىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، نازارەت باشلىقى جاۋ لىپىڭ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جيۇ خې قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلمىشى سەۋەبلىك بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 3 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلداردىن نەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ ۋېيزې ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جيۇ خې قاتارلىق ئىككىيلەن، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پارىخورلۇق قىلمىشى باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئىچكى موڭغۇل ج خ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ پېنسىيىگە چىققان جاۋ لىپىڭ بولسا بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ چى فىڭ شەھىرىدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تېخى تۈنۈگۈنلا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشۇڭنىڭ 30-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە 2013-يىلى يىل ئاخىرى باشلانغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ھازىرغا قەدەر 50 تىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار، 20 گە يېقىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار، 10 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت