ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغان خوتەننىڭ سېكرېتارى چېن يۈەنخۇانىڭ پاھىشىۋازلىق قىلمىشىمۇ سۆكۈلۈشكە يۈزلەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن يۈەنخۇانىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن چىقىرىلغانلىقى ۋە خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چېن يۇەنخۇانىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ زور مىقداردا پارا ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىش، يولسىز ھالدا يېقىنلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش، يەر ۋە مال-مۈلۈك ئىگىلىۋېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا، تۇرمۇش ئىستىلدىكىمۇ بۇزۇقچىلىقى، يەنى ئۇزۇن داۋام قىلغان پاھىشىۋازلىق قىلمىشىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى ئىستىل ئەخلاقسىزلىقى مەسىلىسى، رايوندا ئىنتايىن جىددىي ۋە سەزگۈر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ؛ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مەسىلە رايوندا بەزى چاغلاردا چوڭ سىياسىي ۋە مىللىي ئىسيانلارنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

بۈگۈنكى خىتاي ۋە چەتئەل خەۋەرلىرىدە چېن يۇەنخۇانىڭ پاھىشىۋازلىق قىلمىشى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلمىشىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرى تېخى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ تەپسىلاتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاشكارىلىنىش ۋە بۇنىڭ خوتەننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت