ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدار ۋاڭ چى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ سېلىنما تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىنى پارتىيەدىن قوغلاپ، خىزمەتتىن ھەيدىگەن. ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا يىغقان مال-مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش قارار قىلىنغان.

تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋاڭ چىنىڭ خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ پارا ئالغانلىقىنى، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە يەر-جاي ۋە كارخانا باشقۇرۇش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن زور مىقداردا پارا ئېلىش ئارقىلىق نەپ ئالغانلىقىنى بايان قىلغان.

يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئارقا-ئارقىدىن، قۇمۇل، تۇرپان، كورلا ۋە خوتەن شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەرلەرنىڭ ئەكسىچە بۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى شۇنداقلا كىشىلىك ئەخلاقىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلىرىمۇ تەپسىلىي ئېلان قىلىندى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان چىرىكلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت