ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ جازالاشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بىر قىسىم ئەمەلدار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىسى خەلق گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2008-يىلىدىن بۇ يىل 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە 183 نەپەر ناھىيە، باشقارما ۋە نازىر دەرىجىلىك كادىر مەخسۇس تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 نەپەر نازارەت ۋە ئىدارە دەرىجىلىك كادىر بار ئىكەن.

ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلىش قىلمىشلىرى ئاساسلىق تەكشۈرۈش نىشانى قىلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا 50مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇلغا خىيانەت قىلغان ۋە 100 مىڭ سومدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىۋالغان دېلولاردىن 1354 ئى بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا خىيانەت قىلىش دېلوسىدىن 128 ئى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەكشۈرۈپ جازالانغانلار ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى مىڭ چۇەنجې ۋە ئىدارە باشلىقى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. جازالانغان كادىرلار ئىچىدە بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئاتالغان.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا سابىق سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، سابىق سىياسىي قانۇن كومىتېتى باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر دىيارىدا 15 يىل ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن ۋاڭ لېچۇەن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارغا قويغان يېقىنلىرىنىڭمۇ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى تەھلىل قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت