شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشتە نىشان يۆتكىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۈگۈن خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چاڭ شياۋبىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۈگۈن بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا پىكىر بايان قىلغان خوڭكوڭدىكى جۇڭگو تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لىن خېلىن «بۇ پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشتە نىشاننىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن دۆلەت ۋە خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ باشلىقلىرىغا يۆتكىلىشىدۇر» دېگەن.

لىن خېلىننىڭ قارىشىچە، 2017-يىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلتاي ئېچىلغۇچە ئارىلىقتا يەنە كۆپلىگەن چوڭ ئەمەلدارلارنى يوقىتىۋەتكۈسى يوق، شۇڭا ئۇ 4-يىلىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان پارىخورلۇققا قارشى نىشاننى دەسلەپكى ئىككى يىلدا پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان بولسا، ئەمدى كارخانا ۋە شىركەت باشلىقلىرىغا قاراتقان. پروفېسسور لىن خېلىننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ خىل نىشان يۆتكەش ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىغا چوڭ دەز كېتىشتىن ساقلانماقچى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتايدا پارىخورلۇقنىڭ ساقايماس بىر كېسەللىكى، شى جىنپىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئۆز سىياسىي رەقىبلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت