جاڭ چۈنشيەن خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


19 - دېكابىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن رايوندا ئاتالمىش خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاڭ چۈشەن بۇ سۆزلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي رايون بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە ئاچقان خەلق ئەسكەرلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلق ئەسكەرلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىگە ئەگىشىپ كۈچەيتىلىشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىللەش ئاتالمىش ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان».

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىق ساقلاش، چېگرا ساقلاپ دۆلەتنى قوغداش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە سەپتىن چېكىنگەن 3 مىڭ ئەسكەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا خىزمەتكە تەيىنلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىپ قۇرۇلىدىغان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قايسى رايونلاردا بەكرەك كۆپەيتىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ قايسى مىللەتلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى خەۋەردە كۆرسىتىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت