خىتاينىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنى ئوپچە مۇنچا ۋە ھورداقخانىلاردىن چەكلەش پىلانى نارازىلىققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ھازىرلىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوپچە مۇنچا ۋە ھورداقخانىلارغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەنقىدكە ئۇچرىدى.

دۈشەنبە كۈنى، ب د ت نىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئورگىنى ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ھازىرلىغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. بەلگىلىمىدە جىنسىي يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار، ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغۇچىلار ۋە تېرە كېسىلى بارلارنىڭ كوللېكتىپ مۇنچا، ھورداقخانا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنغان.

لېكىن، دۈشەنبە كۈنى ب د ت ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق خادىمى ھادىيە بەلھاج، مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. نەنجىڭنى بازا قىلغان «ھەممىگە ئادالەت» ناملىق كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى يۈ فاڭچياڭ، «بۇ بەلگىلىمىنىڭ بىردىن-بىر رولى ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىش، خالاس» دەپ تەنقىد قىلغان.

يۈ فاڭچياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەشكىلاتى باشقا 5 ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن بىرلىشىپ مەزكۇر بەلگىلىمىگە قارشى تۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت